Uyghur←Chinese主要词典
ئوغرىتىكەن
ئورمانچىلىق,ئۇنىۋېرسال
白蒺藜
bái jí líDئۆسۈملۈك
蒺藜(草)
jí lí (cǎo )Dئۆسۈملۈك
棘蒺藜草
jí jí lí cǎoDئۇنىۋېرسال
蒺藜
jí líDئۇنىۋېرسال
棘蒺藜草
jí jí lí cǎoDئۆسۈملۈك
沙蒺藜
shā jí líDئۆسۈملۈك
婆婆针
pó pó zhēnDئۆسۈملۈك
刺蒺藜
cì jí líDئۆسۈملۈك
藜
líDتېببىي
蒺藜
jí líDئۆسۈملۈك
铁蒺藜
tiě jí li
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
jí lí ,bā jiǎo cì 〈zhí 〉
蒺藜,八角刺〈植〉
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
蒺藜
jí lí
بۇ ئوغرىتىكەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، كۆپ
شاخلىنىدۇ. يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 30 - 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنىدە ئاق، يۇمشاق تۈكلەر بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ياكى
نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدىغان جۈپ سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق؛ گۈلى سېرىق، قولتۇقىدىن يالغۇز ئۆسىدۇ، مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن
يېرىلىدۇ ۋە ھەربىر مېۋىدە بىر جۈپتىن ئۇزۇن ۋە قىسقا تىكەنلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ۋە يۇمران مايسىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا ئورۇپ مېۋىسىنى قېقىۋېلىپ،
ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى تۇز بىلەن قورۇپ؛ يۇمران مايسىسىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا بويلىرى، دالا ۋە قۇم
دۆۋىلىرىدە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
جىگەرنى ياشارتىش، يەل تارقىتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش،
قىچىشىشنى بېسىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
15 گرام ئوغرىتىكەننى سەككىز گرام سەبدىگۈل، 12 گرام تاجىگۈل ئۇرۇقى، 10 گرام قىرىقبوغۇم، 12 گرام پۇنۇس بىلەن بىللە سۇدا
قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام ئوغرىتىكەننى 12 گرام سەبدىگۈل، تۆت گرام چىرىلداق قېپى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز مۈڭگۈزلۈك پەردە
بۇلۇتلىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
10 گرام ئوغرىتىكەننى بەش گرام چىرىلداق قېپى، 15 گرام سەبدىگۈل بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا
سەككىز گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، مۈڭگۈزلۈك پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئوغرىتىكەننى 15 گرام كەۋرەك، سەككىز گرام چىرىلداق قېپى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يەلتاشما تېرە
قىچىشىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.