Uyghur主要词典
ئوغلاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆچكىنىڭ بالىسى.
ئوغلاق تارتماق. ئات بىر، ئوغلاق مىڭ. قىرقىلمىغان چىۋىشنىڭ گۆشى قۇۋۋەتلىك ۋە يېيىشلىك بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ ئون ئىككىنچىسىنىڭ نامى.
دېكابر ئىنگلىزچە December دېيىلىدۇ. بۇ لاتىنچە Decem دىن كەلگەن. بۇنىڭ ئەسلى مەنىسى ئونىنچى، يەنى ئونىنچى ئاي دېگەن بولىدۇ. قەدىمكى رىم يىلنامىسىدا ئون ئاي 12 ئايغا ئۆزگەرتىلگەندە، ئەسلى 10 - ئاي 12 - ئاي بولغان، لېكىن نامى ئۆزگەرتىلمىگەن.
12 - ئاي چوڭ ئاي؛ 31 كۈنلۈك.
12 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە كۈن توختايدىغان ۋاقىت؛ بۇ چاغدا تۈن ئەڭ ئۇزۇن، كۈن ئەڭ قىسقا بولىدۇ.
12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى روژدېستو بايرىمى، يەنى ئەيسا تۇغۇلغان كۈن. خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى.
30 - دېكابر ئېلىمىزنىڭ رادىئو ئىشلىرى بارلىققا كەلگەن خاتىرە كۈن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوغلاق يېر _ ئاخلاق يەر، خالى يەر.
1 - 162
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوغلاق.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئوغلاق يىلكسىز ئوغلان بىلىكسىز _ ئوغلاق يىلىكسىز، بالا بىلىمسىز.
1 - 162
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئوغلاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
ئۆچكىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسى.