Uyghur←Chinese主要词典
ئوگاريوۋ
دۇنيا تارىخى
奥格辽夫
ào gé liáo fū
(1813 - 1877)، روسىيىلىك سىياسىي ئوبزورچى، شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسدە تۇغۇلغان. موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، گېرتسېن بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرغانلىقتىن، سۈرگۈن قىلىنغان. 1856 - يىلى چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇشقا مەجبور بولغان. لوندوندا گېرتسېن بىلەن بىرلىكتە <قۇتۇپ يۇلتۇزى>، <ئومۇمىي خەلق مۇنبىرى> ۋە <سائەت ئاۋازى> قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللارنى نەشر قىلغان. ياش ۋاقتىدا دېكابرىستلارنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىگە ئۇچراپ، تەرەققىيپەرۋەر ئاقسۆڭەكلەر ئىنقىلابنىڭ ئاساسىي كۈچى دەپ قارىغان؛ كېيىن دېھقانلار ئىنقىلابنى تەشەببۇس قىلغان. 1861 - يىلىدىن كېيىن ئىنقىلابىي دېموكراتىزم مەيدانىغا ئۆتۈپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىنى دەرھال يوقىتىشقا چاقىرغان ھەمدە <روسىيە دېھقانلار سوتسىيالىزمى> دىن ئىبارەت خىيالىي نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن <يەر ۋە ئەركىنلىك جەمئىيىتى> نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ <يۇمۇر>، <يېزا>، <قاۋاقخانا>، <قىش كۈنىدىكى يول> قاتارلىق لىرىك شېئىر ۋە سىياسىي ئوبزورلىرى يانچىلارغا بولغان ھېسداشلىق، مۇستەبىت تۈزۈمگە بولغان ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان. پەلسەپە جەھەتتە، ئادەمنىڭ ئېڭى تەبىئەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىدېئالىزم ۋە تەجرىبىچىلەرنىڭ بەزى نۇقتىئىنەزەرلىرىگە قارشى تۇرغان ھەمدە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيەتلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تارىختىكى رولىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، <شېئىرلار توپلىمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان.