Uyghur主要词典
ئۆز ئۆزى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، ھەرىكەتنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن باشلىنىپ، يەنە ئۆزىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد. ئۆز - ئۆزىنى كۆزىتىش.
يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، <ئۆزى بىلەن ئۆزى، ئۆزى ئۆزىگە> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆزى - ئۆزىگە زىت. ئۆزى - ئۆزىگە قارشى.
چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ <تاشقى كۈچتىن خالىي، ئۆزىچىلا> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆز - ئۆزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرماق. ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم بولماق. ئۆز - ئۆزىدىن يوقالماق.