Uyghur←Chinese主要词典
ئۆز ئىممۇنىتېتى
بىئولوگىيە
自身兔疫
zìshēntùyì
ئورگانىزمنىڭ ئۆز بەدىنىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەركىبىگە نىسبەتەن ئۆز بەدەن ئانتىتېلاسىنى ھاسىل قىلىشى ياكى ئۆز بەدىنىگە نىسبەتەن لىمفا سەزگۈرلەشكەن ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىشى ئۆز ئىممۇنىتېتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆز ئىممۇنىتېتى كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ناتايىن، چۈنكى ئۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئۆز ئىممۇنىتېتى رېئاكسىيىسى بەلگىلىك كۈچىنىشكە يەتكەندىن كېيىن، ئۆز بەدىنىدىكى نورمال توقۇلمىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى بۇزىدۇ ھەمدە بۇ كلىنىكىلىق ئالامەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئۆز ئىممۇنىتېتى كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆز ئىممۇنىتېتى خاراكتېرلىك قالقانسىمان بەز ياللۇغى، رىماتويىدىلىق بوغۇم ياللۇغى، كۆزنىڭ سىرتقى زەخىملەنگەندىن كېيىنكى پاراسمپاتىك نېرۋا خاراكتېرلىك كۆز ياللۇغى قاتارلىقلار