Uyghur主要词典
ئۆزىنى توختاتقان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈرۈش - تۇرۇش، خۇي - پەيلى تۇتاملىق ۋە تۇراقلىق.
تەمكىن پىل پەللىگە ھودۇققان ئاتتىن بۇرۇن بارىدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزنى ۋەزمىن ۋە خۇشال تۇتۇڭ، سالماق بولساڭ، زەخمەت چەكمەيسەن. ئېغىر - بېسىق بولار. ئېغىر - بېسىق بولساڭ، ھۆرمەت تاپىسەن. ئۆزىنى توختاتقان ھەرقاچان غالىب.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مىجەز - خۇلقى تۇراقلىق ۋە تۇتاملىق.
ئالىجوقا، شاللاق، شېتىلە، شەپشەك، ئۆزىنى توختاتمىغان
مىجەز - خۇلقى تۇراقسىز، تۇتامى يوق.
تەمكىن پىل ھودۇققان ئاتتىن پەللىگە بالدۇر بارىدۇ. ۋەزمىن يىگىت ھۈرمەتكە لايىق. ئېغىر - بېسىق ئادەمنى شەيتان ئالدىيالمايدۇ. ئۆزىنى توختاتقان ئادەم - ئۇلۇغلۇققا قەدەم قويغان ئادەم. گاچىغا ئۇچرىغان ئالىجۇقىمۇ ھارىدۇ. شاللاق خوتۇنغا سوقۇر ئەر ياخشى. خوتۇنى شېتىلە بولسا، ئېرىنىڭ قارىغۇ بولغىنى ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئېغىر - بېسىق؛ ئىسسىق - سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق يول تاللىۋالغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان.
ئۆزىنى توختاتقان ئادەم. ئۆزىنى توختاتقان ئايال.