Uyghur主要词典
ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازابۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلار ساقلاپ بېرىشكە بەرگەن پۇل - مالنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، قايتۇرۇشنى رەت قىلغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان، كۆمۈپ قويغان نەرسىسىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقىلار ساقلاپ بېرىشكە بەرگەن پۇل - مالىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، قايتۇرۇشنى رەت قىلغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان، كۆمۈپ قويغان نەرسىسىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ قايتۇرۇشنى رەت قىلغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
270 - ماددا ساقلاپ بېرىۋاتقان پۇل - مالنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان ۋە قايتۇرۇشنى رەت قىلغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
باشقىلارنىڭ ئۇنتۇپ قالغان ياكى كۆمۈپ قويغان نەرسىسىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان ۋە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
بۇ ماددىدىكى جىنايەت ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。