Uyghur←Chinese主要词典
ئۆزىنى مەركەز قىلغان نۇتۇق
پسىخولوگىيە
自我中心言语
zì wǒ zhōng xīn yán yǔ
بۇ پېيگىت بالىلار تىلىنى تەتقىق قىلغاندا بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر خىل نۇتۇق ھادىسىسى. ئۇ بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنىڭ ئويناش جەريانىدا باشقىلارغا قارىتا ئىپادىلەيدىغان ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك نۇتقىدىن باشقا، يەنە بىر خىل غەيرىي ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك نۇتقى بارلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل نۇتۇق باشقىلارغا ئەمەس، پەقەت ئۆز ئۆزىگە سۆزلەش بولۇپ، بۇنىڭدا پىكىر ئالماشتۇرۇلمايدۇ. باشقىلارنىڭ ماس ھالدا ئىنكاسىنىمۇ قوزغىمايدۇ. شۇڭا پېيگىت بۇنى ئۆزىنى مەركەز قىلغان نۇتۇق دەپ ئاتىغان. بۇ تەكرارلاش، مونولوگ، كوللېكتىپ مونولوگدىن ئىبارەت ئۈچ كاتىگورىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكرارلاش دېگىنىمىز، چۈشەنسۇن - چۈشەنمىسۇن ئاڭلىغان سۆز ئىبارىلەرنى تەكرار سۆزلەش، تۈرلۈك بوغۇم، ئاۋازلارنى دوراش؛ بالىلار دەسلەپكى بىر قانچە يىلدا تەكرارلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. مونولوگ دېگىنىمىز، ئۆز ئۆزىگە سۆزلەش بولۇپ، بالىلار ھەرىكەت قىلغاندا، يەنى ئۆزى يالغۇز ھەرىكەت قىلغاندا ۋارقىرايدۇ، سۆزلەيدۇ، ئۆزىگە ئۆزى سۆز قىلىدۇ. كوللېكتىپ مونولوگ دېگىنىمىز، كوللېكتىپ ئىچىدە، باشقىلارنىڭ ئالدىدا، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماستىن، ئۆز ئۆزىگە سۆزلەشتىن ئىبارەت. ئۆزىنى مەركەز قىلغان نۇتۇق بالىلار نۇتقىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كوللېكتىپ مونولوگنىڭ نىسبىتى ناھايىتى زور. پېيگىتنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنى مەركەز قىلغان نۇتۇق بىر خىل ئىپتىدائىي ۋە گۆدەك فۇنكسىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە رولى يوق. پەقەت ھەرىكەتنىڭ كۈچەيتمىسى، تولۇقلىمىسىدىن ئىبارەت.