Uyghur←Chinese主要词典
ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسسىياتى
پسىخولوگىيە
自卑感
zì bēi gǎn
بۇ بىر خىل ئۆزىنى «تۆۋەن دەرىجىلىك ئادەم» دەپ ھېس قىلىپ خىجىل بولۇش، تارتىنىش، قورقۇنچاقلىق، كۆڭلى سوۋۇش قاتارلىق ھېسسىياتتىن ئىبارەت. ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسسىياتىنىڭ سەۋەبى ئالغان نومۇرىنىڭ ئازلىقى، قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، فىزىئولوگىيىلىك نۇقسان بولۇشى، كىيىم - كېچىكىنىڭ ناچارلىقى، شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنى كىشىلەر كۆزگە ئىلماسلىقى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئوبيېكتىپ ئامىللار پەقەت ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسسىياتىنى تۇغۇلۇشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب مەسخىرىگە ئۇچراش بىلەن، ئۆزىگە باشقىلار ياكى ئۆز ئۆزىگە «تۆۋەن دەرىجىلىك ئادەم» دېگەن باھانى بېرىشتىن ئىبارەت. فىزىئولوگىيىلىك نۇقسانى بار بالا باشتا كەمسىنىشنى بىلمەيدۇ. كېيىن تۇغقانلىرى ئالدىدىمۇ كەمسىنمەيدۇ. لېكىن باشقا كىشىلەر باشقىچە قارىغاندىن كېيىن كەمسىنىش پەيدا بولىدۇ. نەتىجىسى ناچار بالىمۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشى مۇمكىن. لېكىن كۆپ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالسا، ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسسىياتى تۇغۇلىدۇ. بەزى پسىخولوگلار ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسسىياتىنىڭ غەيرىي نورمال ھەرىكەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىشىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。