Uyghur主要词典
ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنى ئۆز - ئۆزىگە توغرىلاتماق.
بۇ جاھالەت دەۋرىدە ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش ئەۋج ئالماقتا. ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆز قولى بىلەن بابلاش كېرەك. ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دېگەن شۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئۆزىنىڭ قولى بىلەن ئۆزىنى جايلىماق، ئۆزىنى ئۆزىگە سالماق، ئۆزىنىڭ يولى بىلەن ئۆزىنى بابلىماق: -قارا، بۇنىڭ يامانلىقىنى، ئۆز گۆشۈمنى ئۆز يېغىمدا قورۇپ، ئەختەمگە ماڭا تەستىقلىتىپ تېگىدىكەن - دە، ۋۇي قارا يۈز، نائىنساپ! - دېدى ئۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
« ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇماق» گە قاراڭ.