ئۆتۈكچىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئۇل<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات، يېتىلگىنى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك، قاتتىق قېپى بار. لىچىنكىسى ئاقۇچ سېرىق، تېنىدە ئىنچىكە تۈكچىلىرى بولىدۇ. قوغۇن-تاۋۇزنىڭ ئاساسىي زىياندىشى، مېۋە دەرەخلىرى ۋە پۇرچاق تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقىنى يەيدۇ.