Uyghur主要词典
ئۆتەڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول ئۈستىدىكى تۇرۇپ، قونۇپ ئۆتىدىغان جاي.
ئۇچقۇر ئات ئىككى بېكەتلا يۈگۈرەلەيدۇ، سالماق ئېشەك كېچە - كۈندۇز يۈرەلەيدۇ. داخېيەن (تۇرپان) پويىز ئىستانسىسى بەك ئاۋات. لەنگەر يولى قىسقارتىدۇ. قەشقەر يولىدا ئۆتەڭ تولا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول - سەپەردە چۈشۈپ ئۆتىدىغان، قونىدىغان يەر.
ماكانىدىن ئايرىلغانغا يەتتە يىل قونالغۇ يوق. ئات ئورۇق، مەنزىل يىراق. تاش ئۆتەڭدە بىر كۈن قوندۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يولۇچىلار مەنزىل ئارىلىقىدا چۈشۈپ، قونۇپ ئۆتىدىغان دەڭ، سارايلىرى بار جاي.
- سالامەت كەلگىنىمىز ئۆزۈم بىلەن سەكسەن يەتتە، ئېغىر يارىدارلارنى ئۆتەڭلەردە تاشلاپ كەلدۇق، - دېدى روزىمەت بەگ.