Uyghur主要词典
ئۆت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
جىگەردىن ھاسىل بولىدىغان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى، سەپرا.
ئۆت كىسلاتاسى. * ئۆت نەيچىسى، * ئۆت سۇيۇقلۇقى. * ئۆت تېشى. * ئۆت يولى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۆتمەك، ئۆتۈش. 1. بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا يېتىپ بارماق.
دەريادىن ئۆتمەك. * كۆۋرۈكتىنق ئۆتمەك.* ئۆتكەن يىل، ئۆتكەن كۈنلەر، ئۆتكەن زامان.* ئۆتكەنگە سالاۋات. * ئۆتكەن ئۆمۈر - ئاتقان ئوق (ماقال). * قېرى ئۆتكەننى ماختايدۇ (ماقال). * ئۆتكەن ئۆمۈر - ئاتقان ئوق (ماقال). * قېرى ئۆتكەننى ماختايدۇ (ماقال).* دوستسىز ئۆتمەك ۋەتەندە، مىسلى مۇردا كىپەندە (ماقال). * مۇزدىن ئۆتسەڭ ئاۋۋال ئۆت، ئۆتكەننى كۆرىسەن، سۇدىن ئۆتسەڭ كېيىن ئۆت، ئاققاننى كۆرىسەن.
2. بىرەر ئۆلچەم، بەلگىلىمىدىن ھالقىماق. ئىمتىھاندىن ئۆتمەك. * سىناقتىن ئۆتمەك. * ئۆتكەلدىن ئۆتمەك.
3. تەسىر قىلماق. گەپ ئۆتمەك، شامال ئۆتمەك. * پاختا تەرگەندە سوغۇق ئۆتۈپتۇ، قىش - زىمىستاندا ئىسسىق (ماقال). * تاياق گۆشتىن ئۆتىدۇ، تىل سۆڭەكتىن (ماقال).
4. كەچۈرمەك.باشتىن نېمىلەر ئۆتمىدى.
5. ئۈنۈملۈك بولماق. بۇ بېلەت ئۆتىدۇ. * ئۇنىڭ گېپى ئۆتىدۇ. * ئامېرىكا دوللىرى ھەممە يەردە ئۆتىدۇ.
6. بىرەر خاتالىق، بىرەر سەۋەنلىك سادىر قىلماق. ئۆزۈمدىن ئۆتكەن قولۇمدىن كەتكەن (ماقال). * بۇ ئىشتا سەۋەنلىك سەندىن ئۆتتى. * خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقما، خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق، ئىقرار قىلماسلىق، تۈزەتمەسلىكتىن قورق.
7. ئۆگەتمەك. دەرس ئۆتمەك.
8. كەسمەك، تەشمەك، تەمچىمەك.ئۆيدىن يامغۇر ئۆتمەك. * لايغا ئۆتمىگەن پىچاق، قولغا ئۆتەر (ماقال).
9. ئەپۇ قىلماق. گۇناھىدىن ئۆتمەك.
10. قارىماق، تەۋە بولماق. بۇ ئۆي ئەمدى ماڭا ئۆتتى. * بىزنىڭ بىر مۇنچە مۇھاجىرلىرىمىز ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
«پ» لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ سۆزلەپ ئۆتتى. * تۇرسۇن دوكلات لايىھىسىنى كۆرۈپ ئۆتتى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئۈگۈت، نەسىھەت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(«-ۋاۋ» ھەرپى يۇمشاق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) تام ياكى ياغاچ تۆشۈگى.
1 - 61
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(« - ۋاۋ» ھەرپى يۇقىرىدىكىدىنمۇ يۇمشاقراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) ئوت، ئوت خالتىسى.
1 - 61
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
نەسىھەت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاناتومىيە
ئۆت سۇيۇقلۇقى ساقلىنىدىغان خالتىسىمان ئورگان. ئۇ جىگەرنىڭ ئوڭ ياپراقچىسى ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆت يولى ئارقىلىق جىگەرگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ.