Uyghur←Chinese主要词典
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رايونلارغا بۆلۈنۈش سىستېمىسى
بىئولوگىيە
植物区系
zhíwùqūxì
بەلگىلىك گېئولوگىيىلىك دەۋر ياكى مەلۇم جۇغراپىيىلىك دائىرە ئىچىدىكى ئۆسۈملۈكلەر كلاسسىفىكاتسىيە بىرلىكىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رايونلارغا بۆلۈنۈش سىستېما ئىلمى، رايونلار سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، شەكىللىنىشى ۋە تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىدۇ. ھەمدە بۇخىل تەتقىقاتنى ئېكولوگىيىلىك ئامىل، تارىخىي ئامىل ۋە ئىنسانلارنىڭ تەسىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلىشىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رايونلارغا بۆلۈنۈش سىستېمىسى ئۆسۈملۈك يېپىنچىسىنى تۈزىدىغان ماتېرىيال، شۇڭا ئۇ ئۆسۈملۈك يېپىنچىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈر ئاساسى.