ئۆشنەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لىشاينىكلارنىڭ بىر تۈرى. ئۆسۈملۈك تېنى يىپسىمان، دەرىخىنىڭ شاخ، غوللىرىدىن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ. رەڭگى كۈل رەڭ. نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ھەم قىسقا يان شاخلىرى بولىدۇ. تۈۋى قىسمى بىلەن قارىغاي ياكى باشقا دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىغا يېپىشىۋالىدۇ. دورا قىلىنىدۇ. ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش روللىرى بار.