Uyghur主要词典
ئۆردەكتۇمشۇق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
تېنى تۆت پۇتلۇق ھايۋانغا ئوخشايدىغان، ئەمما ئۆردەكنىڭكىدەك تۇمشۇقى بار بۇ غەلىتە مەخلۇققا نىسبەتەن ئېنگېلسمۇ خاتا تونۇپ قالغانلىقىنى بوينىغا ئالغانىدى.1843
- يىلى ئېنگېلس ئەنگلىيىدە ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ تۇخۇمىنى كۆرگەن. كىشىلەر ئۇنىڭغا بۇ ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان بىر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان دەپ تونۇشتۇرغان. ئېنگېلس ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى بالا تۇغىدۇ، ئۆردەكتۇمشۇق بولسا تۇخۇم تۇغىدىكەن، شۇڭا ئۇ ئەسلا سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ئەمەس، دېگەن. كېيىن، پاكىت ئالدىدا ئېنگېلس »ئۆردەكتۇمشۇقتىن ئۆزىنىڭ تەكەببۇر ۋە بىلىمسىزلىكىنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۆتۈنۈشكە مەجبۇر بولغان«.
ئۆردەكتۇمشۇق ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. چوڭ - كىچىكلىكى توشقاندىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، تېنى سېمىز ھەم ياپىلاق، ئۆردەكنىڭكىگە ئوخشاش مۈڭگۈز ماددىلىق تۇمشۇقى بولىدۇ؛ پۇتلىرىدا ئۈزگۈچ پەردىلىرى بولىدۇ؛ قۇلاق تۆشۈكى بولىدۇ، سىرتقى قۇلىقى بولمايدۇ، سۇ ئىچىدە قۇلىقى ئۆزلۈكىدىن ئېتىلىپ قالىدۇ. ئارقا پۇتىدا بىر تال ئىچى كاۋاك زەھەر دوكۇرى بولۇپ، زەھەر سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا بولمايدىغان بىردىنبىر ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئۆردەكتۇمشۇق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشىمايدۇ، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارغىمۇ، قۇشلارغىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۇسۇلى ئىنتايىن غەلىتە. ئۇ ھەم تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەم سۈت ئەمگۈزىدۇ. ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ قۇشلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار بىلەن ئوخشاشلىق تەرەپلىرىمۇ بار بولۇپ، تۇخۇمى، سۈيدۈكى، گەندىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تۆشۈكتىن تەن سىرتىغا چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن »بىر تۆشۈكلۈكلەر« دەپ ئاتىلىدۇ. چىشى ئۆردەكتۇمشۇق ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن تېنىدە ئىككى دانە تۇخۇم يېتىلىدۇ. تۇخۇم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا ئۆردەكتۇمشۇق تۇخۇم باسىدۇ ھەم10 كۈندىن كېيىن بالا ئۆردەكتۇمشۇق تۇخۇم شاكىلىنى يېرىپ چىقىدۇ. ئانا ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ ئەمچىكى ۋە ئەمچەك توپچىسى بولمايدۇ، پەقەتلا قورساق قىسمىدا بىر پارچە سۈت چىقىرىش رايونى بار بولۇپ، خۇددى تەر چىقارغانغا ئوخشاش سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بالا ئۆردەكتۇمشۇق ئانا ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ قورسىقىغا ئۆمىلەپ بېرىپ سۈتنى يالاپ ئوزۇقلىنىدۇ. ئىككى ئايدىن كېيىن بالا ئۆردەكتۇمشۇق كۆزىنى ئاچىدۇ، ئەمما ھەرىكەت ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، تۆت ئايدىن كېيىن بالا ئۆردەكتۇمشۇق مۇستەقىل ئۈزەلەيدىغان، ئوزۇقلۇق تېپىپ يېيەلەيدىغان بولىدۇ.
يەنە بىر غەلىتە ھادىسە شۇكى، قۇرامىغا يەتكەن ئۆردەكتۇمشۇقتا چىش بولمايدۇ، ئەمما بالا ئۆردەكتۇمشۇقتا تۇخۇم شاكىلىدىن چىقىشتىن بۇرۇن تۇخۇم شاكىلىنى چېقىپ چىقىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئۆتكۈر »تۇخۇم چىشى« بولىدۇ. شاكالدىن چىققاندىن كېيىن »تۇخۇم چىشى« تېز چۈشۈپ كېتىپ، ئورنىغا ئون نەچچە تال »سۈت چىشى« چىقىدۇ، ئارقىدىن ئۇلارمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن چىقىدىغىنى ئالاھىدىلەشكەن مۈڭگۈز ماددىلىق تەگلىك بولۇپ، ئۇ قۇرامىغا يەتكەن ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ چىشى ئورنىدا ئوزۇقلۇق يېيىش قورالى ھېسابلىنىدۇ.
ئۆردەكتۇمشۇق ئۇۋىسىنى كۆپىنچە دەريا بويى، كۆل بويىغا سالىدۇ، ئۇۋىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى10 −20 مېتىر، ئىككى ئېغىزى بولۇپ، بىرى سۇغا، يەنە بىرى قىرغاقتىكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىغا ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭدا سۇ بىلەن قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىنتايىن ئەپلىك. ئۇ تۇمشۇقىدىن پايدىلىنىپ توپا ئىتتىرىدۇ، ئالدى پۇت تىرنىقى بىلەن توپا قازىدۇ، ئۇنىڭ قېزىش سۈرئىتى تاغتېشەرنىڭكىدىنمۇ تېز بولىدۇ. ئۆردەكتۇمشۇق كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېچىسى ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يەيدۇ. ئادەتتە قۇرت - قوڭغۇز، سازاڭ، قۇمچاق، پاقا قاتارلىقلارنى يەيدۇ. ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى، بىر نەرسە يەۋاتقاندىكى كۆرۈنۈشى قىزىقارلىق بولۇپ، بىر تەرەپتىن يەپ بىر تەرەپتىن بېشىنى چايقايدۇ. ئۇنىڭ كۆپ ۋاقتى سۇدا ئۆتىدۇ، ھەتتا »توي مۇراسىمى« مۇ سۇدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئۆردەكتۇمشۇق قۇشلارنىڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۆتكۈنچى تىپتىكى ھايۋان. نۆۋەتتە پەقەت ئاۋسترالىيىگىلا تارقالغان. ئۇنىڭ ئەجدادى توغرىسىدا ھازىر تېخى يەكۈن چىقىرىلمىدى.
بىئولوگىيە
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ بىر تۆشۈكلۈكلەر ئەترىتى، ئۆردەكتۇمشۇق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ھازىرقى ئەڭ ئىپتىدائىي ئېمىتكۈچى ھايۋان. بەدىنى دومىلاقراق ياپىلاق، باش ھەم تەن ئۇزۇنلۇقى 30 ~ 45 سانتىمېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 10 ~ 15 سانتىمېتىر، يېتىلگەن چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقى 0.5 ~ 2 كىلوگرام، ئەركىكى چىشىسىدىن سەل چوڭراق بولىدۇ. پۈتۈن بەدىنى زىچ ئۆسكەن قارا - قوڭۇر قىسقا تۈكلەرگە قاپلانغان، قۇرساق قىسمىنىڭ رەڭگى سۇسراق تۈكلىرى پارقىراق، قۇيرۇقى كەڭ - ياپىلاق بولۇپ، ئۈزگەندە رول ئورنىدا پايدىلىنىدۇ. تۆت پۇتى قىسقا، ھەر قايسىسى بەش بارماقلىق، بارماقلىرى ئارىسىدا پەردىلىرى بولىدۇ. تۇمشۇقى ئۇزۇن بولۇپ، ئۆردەك تۇمشۇقىغا ئوخشايدۇ. سىرتى مۈڭگۈز ماددىلىق غىلاپقا ئورالغان. كۆزى كىچىك، يېتىلگەنلىرىنىڭ چىشى، قۇلاق سۇپرىسى يوق، كلوئاكا بوشلۇقى بار. بەدەن تېمپېراتۇرىسى 26 - 35 سىلتسىيە گرادۇس ئارىلىقىدا بولۇپ، ئادەتتە مۇھىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە تاسمانىيىدىكى ئۆستەڭ ھەم كۆللەرنىڭ ياقىلىرىدا يېرىم قۇرۇقلۇق يېرىم سۇدا ماكانلىشىپ ياشايدۇ، ئادەتتە ئالدى پۇتىنى قوزغىتىپ ئۈزىدۇ. ئەركىكىنىڭ كەينى پۇتىنىڭ يالىڭاچ قىسمىدا زەھەر دوكۇرى بولۇپ، زەھەر بېزىگە تۇتاشقان. دۇكۇرىنى باشقا ھايۋانلارغا سانجىپ ئۇلارنى زەخىملەندۈرۈپ ئۆلتۈرەلەيدۇ. راك، قۇلۇلە، سەدەپ قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئوزۇقلىنىش مىقدرى كۆپ. ھەر يىلى 10 ~ 11 - ئايلاردا كۆپىيىدۇ، كامار كولاپ ئۇۋا ياسايدۇ. سۇدا چېتىشىدۇ، 1 ~ 3 تۇخۇم سالىدۇ. تۇخۇمدىن چىققان بالىسى ئانىسىنىڭ قورساق قىسمىدىكى سۈت بېزىدىن ئاجرىلىپ چىققان سۈت بېزىنى يالاپ ئوزۇقلىنىپ تۆت ئايدىن كېيىن مۇستەقىل ھايەت كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. ئۆمرى 10 ~ 15 يىلدىن ئاشىدۇ. ئۆردەكتۇمشۇق بىر خىل ئەتىۋارلىق ھايۋان بولۇپ، يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. ئېنگېلس ئۆز ئەسىرىدە ئۇنى مىسال قىلىپ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۆردەك + تۇمشۇق
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى سېمىز، لېكىن ياپىلاق، قۇيرۇقى قىسقا ھەم كەڭ. تۇمشۇقى ئۆردەكنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشايدۇ. تۈكلىرى ئىنچىكە ھەم زىچ، قېنىق قوڭۇر، تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ، چىشىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسى بولمايدۇ.