Uyghur主要词典
ئۆمۈرۋايەتلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئۆمۈر بويى مەشغۇل بولىدىغان ئىش، كەسىپ.
لېكىن بۇ گوندىپاي بولسا مۇشۇ ئىشنى ئەڭ ياخشى كەسىپ دەپ قاراپ، ئۆمۈرۋايەتلىككە تاللىۋالغانىدى.
سۈپ. ئۆمۈر بويى داۋام قىلىدىغان، ئۆمۈرلۈك.
بۇ - ئۆمۈرۋايەتلىك ئىش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان روھ بولمىسا، بۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.
رەۋ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن بىر ئۆمۈر، ئۆمۈر بويى، ئۆمۈرۋايەت؛ مەڭگۈ، ئەبەدىي.
مەن سىزنى ئۆمۈرۋايەتلىك بەختلىك قىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنەمسىز؟