Uyghur←Chinese主要词典
ئۆمۈرلۈك چىش
بىئولوگىيە
恒牙
héngyá
<تۇراقلىق چىش>، <مەڭگۈلۈك چىش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپ ساندىكى ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆدەك ۋاقتىدىكى سۈت چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتىدىن چىقىدىغان چىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ چىش سانى تولۇق ۋاقتىدا 32 تال بولۇپ، كۈرەك چىشى سەككىز تال، قوزۇق چىشى تۆت تال، ئالدى ئېزىق چىشى (ئالدى ئوزۇق چىشى) سەككىز تال، ئېزىق چىشى (ئوزۇق چىشى) 12 تال بولىدۇ. ئۈچىنچى ئېزىق چىشى <ئاخىرقى يىلتىز چىش>، <ئاخىرقى چىش> دەپ ئاتىلىپ ئادەتتە <ئەقىل چىشى> دېيىلىدۇ. ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتە 17 - 30 ياش ئارىلىقىدىلا ئۆسۈپ چىقىدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ ئەقىل چىشى ئۆمۈر بويى ئۆسۈپ چىقالمايدۇ.
ئۇنىۋېرسال
恒齿
héng chǐDتېببىي
恒牙
héng yá