Uyghur←Chinese主要词典
ئۆلۈك دېڭىز ۋەسىقىلىرى
دۇنيا تارىخى
死海文书
sǐ hǎi wén shū
<كۇمران ۋەسىقىلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پېرگامنېت، پاپىرۇس ۋە مىس بەتكە يېزىلغان ھۆججەت بولۇپ، ئىئوردانىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئۆلۈك دېڭىزنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىدىكى كۇمران رايونىدىكى ئۆڭكۈردىن تېپىلغان. 1947 - يىلى بىرىنچى ئۆڭكۈردىن ۋەسىقىلەر تېپىلغاندىن بۇيان، جەمئىي 11 قىسىملىق خېلىلا مۇكەممەل بولغان قول يازما ۋە تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ۋەسىقە پارچىلىرى قېزىۋېلىنغان، بۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ھۆججەتلەر بولۇپ، ئالەن يېزىقى ۋە ھېبرې يېزىقى، يۇنان يېزىقلىرىدا يېزىلغان. مەزمونىنى ئومۇمەن تۆۋەندىكىلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ (1) ئېۋرىي يېزىقىدىكى ئىنجىل؛ (2) ئىنجىلغا كىرگۈزۈلمىگەن كلاسسىك ئەسەرلەر ۋە ساختا ئىنجىل؛ (3) ئىنجىلنىڭ شەرھى؛ (4) كۇمران دىنى تەشكىلاتلىرىنىڭ نىزامى؛ (5) مۇقەددەس ئىبادەتخانا ھۆججەتلىرى؛ (6) ئاللاھنىڭ مېھرى - شەپقىتىگە تەشەككۈر ئېيتىلغان داستانلار ۋە دۇئا تېكىستلىرى قاتارلىق دىنىي ئەقىدە ھۆججەتلىرى؛ (7) تارىخىي ماتېرىيال قاتارلىقلار. رىم قوشۇنى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ غەربىي جەنۇب قىرغىقىدىكى قەلئە 1964 - يىلى قېزىلغان، قېزىۋېلىنغان نەرسىلەرگە ئاساسەن، ئۆلۈك دېڭىز ھۆججەتلىرىنىڭ تۆۋەندىكى يىل چېكى مىلادى 73 - يىل ئىكەنلىكى، رىم قوشۇنى باستۇرۇپ كىرگەندە يوشۇرۇپ قويۇلغان بولۇشنىڭ ئېھتىمالىغا يېقىنلىقى مۇقىملاشتۇرۇلغان. بۇلار كېيىنكى مەزگىلدىكى يەھۇدىي دىنى، تەقۋادارلار مەزھىپى، كۇمران دىنى تەشكىلاتلىرى ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.