Uyghur主要词典
ئۆلىما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى بويىچە ئىلىم ئەھلى، دىنىي زىيالىيلار.
موللام دۇئاغا زورلار. بوپتۇ، ئادەم بولغۇڭ كەلمىسە، موللا بول. داموللام ئېلىشنى بىلەن، بېرىشنى بىلمەس. ئېيىبىنى ئۆگەتسەڭ، داموللا بولار. ياندىكى موللام بار موللام، يىراقتىن كەلگىنى داموللام. ئۆلىمالىقمۇ بىر ھۈنەر، جاپا چەكمەي پۇل ئۈنەر. مامۇت مەۋلىۋى كىتابخانلىق قىلدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى «ئالىم» دېگەنلىك بولىدۇ. (1) مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى مەشھۇر فەقىھلەر ۋە مۇتەكەللىمۇنلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار قازى كالاننىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەتنىڭ مەسىلىلىرى ھەق تەلەپ تالاش - تارتىشلىرى ئۈستىدە پەتىۋا چىقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ. شىئە مەزھىپىدە ئىناۋىتى ئىنتايىن يۇقىرى كىشىلەر مۇجتەئىد ياكى ئايەتۇللاھ قىلىپ سايلىنىدۇ. (2) فەقىھلەر ۋە مۇتەكەللىمۇنلاردىن تەركىب تاپقان ئورگان بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ھۆكۈمەت كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.