Uyghur主要词典
ئۆلدى دەپ ھېسابلىماق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(مەفقۇد، قىياس ئۆلۈم) بۇ ئەرنى <ئۆلدى> دەپ ھېسابلاش توغرىسىدىكى ئاتالغۇ بولۇپ، ھەنەفىيەنىڭ شەرىئەت پرىنسىپى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەدلىيە ئادىتى بويىچە، ئەر كىشىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ئۇزۇنغىچە مەلۇم بولماي، ئۇنىڭ تەڭ دېمەتلىكلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، شەرىئەت ئۇنى <ئۆلۈپ كەتتى> دەپ ھېسابلايدۇ. شەرىئەت ھۆكۈم قىلىشتىن ئىلگىرى خوتۇنى باشقا ئەرگە تېگىشكە، مال - مۈلكىگە بالىرى ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئۆلۈمنى ئۆمۈر چېكى بويىچە ھېسابلاش ئۇسۇلىمۇ بار. ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى 120 ياش، 115 ياش ياكى 105 ياشنى ھاياتنىڭ چېكى قىلىدۇ.