Uyghur←Chinese主要词典
ئۆلچەش جەدۋىلى
پسىخولوگىيە
测验量表
cè yàn liàng biǎo
بۇ پسىخولوگىيە ئاتالغۇسى. ئۇ كىشىنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسىنى، پسىخىك ئالاھىدىلىكى ياكى ئوقۇتۇش نەتىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىگۈچ. بۇنىڭدا ياش باسقۇچى بويىچە ياكى ئوڭاي - تەسلىك بويىچە تۈزۈلگەن مەسىلىلەر ياكى ۋەزىپىلەر بولىدۇ. ھەر بىر مەسىلە ياكى ۋەزىپىلەرنىڭ ئىلگىرى بەلگىلەنگەن ئۆلچەملىك نومۇرى بولىدۇ. بۇ خىل ئۆلچەش جەدۋىلىنىڭ تۈرىمۇ ھەر خىل بولىدۇ، مەسىلەن: «ئەقلىي قابىلىيەتنى ئۆلچەش جەدۋىلى»، «خەتتاتلىقنى ئۆلچەش جەدۋىلى» قاتارلىقلار بار.