Uyghur←Chinese主要词典
ئۆلچەمگە توشمايدىغان قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سەۋەنلىك بىلەن بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
过事提供不合格武器装备,军事设施罪
guò shì tí gōng bù hé gé wǔ qì zhuāng bèi ,jūn shì shè shī zuì
بۇ - سەۋەنلىك بىلەن ئۆلچەمگە توشمايدىغان قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوراللىق قىسىملارغا بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قوراللىق قىسىملارنىڭ كۈرەش قىلىش كۈچى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى سەۋەنلىك بىلەن سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمايدىغان قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوراللىق قىسىملارغا بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ (قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچىلار بولىدۇ).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
370 - ماددا ئۆلچەمگە توشمايدىغان قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى قوراللىق قىسىملارغا بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن 1 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.