Uyghur主要词典
ئۆلچەم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانداق ۋە قانچىلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئومۇمىي بەلگە، پرىنسىپ.
ئەمەلىيەت ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى. ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە دورىمۇ زەھەر. 14 - ئۆكتەبر خەلقئارا ئۆلچەم كۈنىدۇر. ۋاقىت ھەقىقەتنىڭ مىزانى. ئىنساننى ئۆلچەيدىغان ھەقىقىي مىزان ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىشىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسىلەرنىڭ ھەجمى ياكى چوڭ - كىچىكلىكىنى بەلگىلىگۈچى نومۇر؛ رازمېر.
كىيىم ئۆلچىمى. ئۆلچەمگە توشماق. ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەك.
شەيئىلەرنى ئۆلچەش ياكى ئۇنىڭغا باھا بېرىشتە تايىنىدىغان قانۇن - قائىدە، مىزان.
ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىلىپ، باشقا شەيئىلەرنى سېلىشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە ياكى شەيئى.
ئۆلچەم تېشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۆلچەم، بىرلىك؛ ئۆلچەملىك، تەن دۇرۇس، راۋۇرۇس كىشى.