Uyghur主要词典
ئۆڭكۈر رەسىملىرى
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترالىيە يەرلىك ئاھالىسىنىڭ قەدىمكى زامان سەنئىتىنىڭ ئىزى، ئۆڭكۈر، قىيا تاشلارغا ئويۇلغانلىقى ياكى سىزىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى ئۆڭكۈر رەسىملىرى ئاۋسترالىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى نۇللاربور تۈزلەڭلىكىدىكى كوئونالدا ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 20 مىڭ يىل ئۆتۈپ كەتكەن. ئاۋسترالىيە قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان، تاسمانىيە ئارىلىدىنمۇ تېپىلغان بولۇپ، جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق جايغا تارقالغان. ئويۇلغان ۋە سىزىلغان رەسىملەرنىڭ مەزمونى ئەپسانە، دىنىي توتېم ۋە ئەينى زاماندىكى بېلىق تۇتۇش ۋە ئوۋچىلىق، ئۇسسۇل، كۈرەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قىيا تاشقا ئويۇپ تەسۋىرلەنگەن ئەڭ چوڭ كىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر كېلىدۇ. يەنە بىر خىل <X - نۇر رەسىم> بولۇپ، ئۇنىڭدا سىزىلغان ئادەم بىلەن ھايۋانلارنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى سىزىپ بەرگىلى بولىدۇ.