Uyghur←Chinese主要词典
ئۆكتەبر ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
十月事件
shí yuè shì jiàn
1931 - يىلى 10 - ئايدا، ياپونىيە نۇرۇزگۈل جەمئىيىتى پىلانلىغان، بىراق ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى. مارت ۋەقەسى بېسىققاندىن كېيىن، خاشىموتو كىنگورا (1890 - 1957) قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى نورۇزگۈل جەمئىيىتىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى ۋە ئوكاۋا شۇمېي قاتارلىق ئوڭ قانات كاتتىباشلار كانتون ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋېلىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھەربىيۇ ھاكىممۇتلەقلىك ھاكىمىيەت قۇرماقچى بولغان. پىلاندا 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياش ئوفىتسېرلىرى ۋە ئوڭ قانات كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، باش ۋەزىر سارىيىغا ۋە ساقچىلار ۋازارىتىگە ئۇشتۇمتۇش ھۇجۇم قىلىپ، باش ۋەزىر ۋاكاتسۇكى رېيجىرو ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى شىدېخارا كىبۇرانى ئۆلتۈرۈپ، ئاراكى ساداۋ باشچىلىقىدىكى ھەربىي فاشىستىك ھۆكۈمەت قۇرماقچى بولغان. 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خاشىمۇتو قاتارلىق 12 ئاساسلىق پىلانلىغۇچى قولغا ئېلىنىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش سۈيىقەستى بىتچىت بولغان. بىراق ھەربىي مىنىستىرلىك ۋە ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ۋاكاتسۇكى ئىچكى كابىنېتى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئىنۇكائى تىسۇيوشى يېڭى ئىچكى كابىنېتنى تەشكىللىگەندە ئاراكى ساداۋ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن.