Uyghur主要词典
ئۆي تۇتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەر قانۇنىي رەسمىيەتنى ئۆتەپ، ئادەت بويىچە نىكاھ ئوقۇتۇپ، بىرەر قىز ياكى خوتۇن بىلەن ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئورناتماقچى.
ئۆيلەنگۈچە ئىرلايدۇ، ئۆيلىنىپ بۇلۇپ يىغلايدۇ. ئۆيلەنگەن ئۆسەر، ئۆيلەنمىگەن ئۆچەر. ئۆيلەنمىگەننىڭ ئۆيى ئۆڭكۈر. ئەقىللىق ئۆيلۈك بولغۇچە، ساراڭ ئوغۇللۇق بولار. ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغانغا يەتمەيدۇ. ئۆي تۇتمىغاننى ئۆيۈڭگە يولاتما. ئۆي تۇتمىسام تالادا قالدىم، ئۆي تۇتسام بالاغا قالدىم. مەن ئۆي تۇتتۇممىكىن دېسەم، ئۆي مېنى تۇتۇپتۇ. ئائىلە قۇراي دېسەڭ، ئېھتىيات قىل. بالدۇر تۇرمۇش قۇرغان قېرىغىچە پۇشايمان يەر. خوتۇن ئالدىم. ئۈستۈمگە ئوتۇن ئارتتىم. خوتۇن ئالماي قېرىغاندىن ئەقىل سورىما. ئالتە قېتىم نىكاھلىق بوپتۇ، ئائىلە قۇرالماپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تۇرمۇشلۇق بولماق، ئەر - خوتۇن بولماق.
ئۆي تۇتساڭ بالاغا قالدىڭ، تۇتمىساڭ تالادا قالدىڭ (ماقال).