Uyghur主要词典
ئۆي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تام، ئىشىك، دېرىزە، تورۇسى بولغان، ئولتۇراق جاي ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەر.
<ھۇجرا> سارايلاردىكى ئايرىم - ئايرىم ئۆي.
<كەپە>، <كۈلبە> لەر ئاددىي ئۆيلەر.
<قازناق> نەرسە - كېرەك قويىدىغان كىچىك <ئامبار>.
يالغۇز خىشتا ئۆي بولماس. ئوغرى ئون ئۆيگە چۈشمەي ئۆلمەس. قايسىبىر خانىدىن يول ئالسا تۇتۇن، ئىشىك - تاملىرىنى قارا قىلار پۈتۈن. خانىمىزغا مەرھەمەت قىلىڭ. ئىشخانا. بۇ بۆلمىدە كىم بولسا، شۇ ساھىبخان. ساراينىڭ ھۇجرىسى كۆپ، ياراملىقى يوق. كەپىدىمۇ ئۇلۇغ زات تۇغۇلىدۇ. دادام قازناقتا يوق. كۈلبىدىن كۈلكە چىقتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نىكاھ ۋە قانداشلىقنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي بىرلىك، ئادەتتە ئاتا - ئانا، بالا - چاقا ۋە باشقا بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.
مېھمان كەلگەن ئۆي جەننەت. چوڭ ئۆينىڭ ئورتاق، كىچىك ئۆينىڭ ئۆزىگە. مۇھەببەتسىز ئۆي ئۆي بولماس، جانسىز تەن ھەقىقىي ئادەم ئەمەس. ئائىلىنىڭ توقلۇقى تۇتۇنىدىن مەلۇم. ئىسراپخور ئائىلە ۋەيران بولماي قالماس. ئائىلىسىگە قاراپ ئادىتى. ئائىلىدە گەپ - سۆزنىڭ بولماسلىقى - تويدا نەغمە سازنىڭ بولماسلىقى. ماختىنىش بىلەن ساختىلىق - بىر ئائىلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياشاش ياكى تۈرلۈك تەشكىلات، مۇئەسسەسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ جايلىشىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ئىمارەت، بىنا.
ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي.
ئۆيگە ئوغرى كىرگەندە ئىتنىڭ سىيگۈسى كەپتۇ (ماقال).
قىزلىق ئۆيگە قىرىق ئات باغلىنار (ماقال).
بىنا، ئىمارەت ئىچىدىكى ھەربىر خانا.
يورۇق ئۆي. كەڭ ئۆي.
قىز بىر ئۆيدىن چىقىپ، ئىككىنچى بىر ئۆيگە كىرىپتۇ.
بىرەر ئىجتىمائىي تەلەپنى قاندۇرۇشقا قارىتىلغان مۇئەسسەسە، ساراي.
مەدەنىيەت ئۆيى. دەم ئېلىش ئۆيى. بالىلار ئۆيى. پىئونېرلار ئۆيى.
ئائىلە؛ خانىدان.
ئۆي تۇتماق. ئۆيى بۇزۇلماق.
قىرىق ئۆي قۇدا بولسا، قىرىق يىل قىزغىن بولماس (ماقال).