Uyghur主要词典
ئۆگىنىشتە سىرداش دوست تۇتۇش
领域: ئۆگىنىشكۇڭ زى: »يولدا كېتىۋاتقان ئۈچ كىشى ئىچىدە ماڭا ئۇستاز بولغۇدەك بىرى چىقىدۇ« دېگەنىكەن. بۇ ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا، باشقىلارنىڭ ھامان ئۆگىنىشكە ئەرزىگۈدەك ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. دوست تۇتقاندا ئۆگىنىشتە ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشالايدىغان، ئورتاق مۇھاكىمە يۈرگۈزەلەيدىغان ئادەمنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
بىرەر ھەقىقەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك كېڭىشىش ۋە مۇنازىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئارزۇ - ھەۋىسى ئوخشاش كىشىلەر ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ - كۇشادە مۇنازىرىلىشىپ، ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىنى پەيدا قىلالايدۇ، كۆپچىلىككىمۇ ئىلھام ئاتا قىلىدۇ. فرانسىيىنىڭ داڭلىق خىمىيە ئالىملىرىدىن پروۋست بىلەن بېرسول »بەلگىلىك نىسبەتلەشتۈرۈش قانۇنى« نى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن توپتوغرا توققۇز يىل كەسكىن مۇنازىرىلىشىپ، ئاخىرىدا پروۋست ئۇتۇپ چىققان. لېكىن، پروۋست مۇنداق دېگەن: بۇ نەتىجىنىڭ يېرىمى بېرسولغا مەنسۇپ، چۈنكى ئۇ ھەر خىل گۇمانىي سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مېنىڭ ئەقىل - پاراسىتىمنى ئۇرغۇتتى، مېنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى.
ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىلىمى ھامان چەكلىك بولىدۇ، شۇڭا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا، ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئۆگىنىش ۋە كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا كەم بولسا بولمايدىغان شەرتتۇر. بىز باشقىلار بىلەن تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىشكە ماھىر بولۇپ، بۇ جەرياندا جانلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئالاقە ئىقتىدارى ۋە ھەمكارلىشىش روھىنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。