Uyghur主要词典
ئۆگەتمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر كىمگە بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى قىلىش ئۇسۇلىنى، يولىنى، بىر نەرسىنىڭ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ قائىدە - قانۇنىيىتىنى چۈشەندۈرمەك، بىلدۈرمەك.
ھۈنەر ئۆگەتمەك. ناخشا ئۆگەتمەك. ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەتمەك.
بىرەر نەرسىنى چۈشەندۈرمەك، سىڭدۈرمەك ۋە شۇ ھەقتە تەلىم بەرمەك، ئادەتلەندۈرمەك.
ئەدەپ ئۆگەتمەك. قائىدە ئۆگەتمەك. سالامغا ئۆگەتمەك.
يول كۆرسەتمەك، ئېيتماق.
- مەن نېمە، مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ - دېدى يۈسۈپ چوڭ بوغۇلۇپ، - مەن ئۇنىڭغا ئېشىكىڭنى سات دەپ ئۆگەتتىممۇ؟