Uyghur主要词典
ئۆڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
رەڭ ئۆچمەك.
بۇ رەختنىڭ ئۆڭى ناھايىتى ئوچۇق ئېگەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تىرە.
مېنىڭ ئۆڭۈم يامان، پىچاق كەسكەن يەر ئاسان ساقايمايدۇ. ئۆڭ جۇۋا كىيگەن كىشى كەلدىمۇ؟
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۆڭمەك، ئۆڭۈش، رەڭ ئۆچمەك، چىراي بۇزۇلماق، تاتارماق.
ئۇ دەرھال ئۆڭۈپ، تاتىرىپ تۇرۇپ قالدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بوياقنىڭ بىر _ بىرىدىن پەرق قىلىدىغان ئايرىم تۈرلىرى.
ئېشەك قۇلىقىنى ئوينىتار، ئەخمەق ئاقىل تۈسىگە كىرىۋلار. ئۆڭى ئۆچمەك.8 رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلدى. رويىدىن توپا چىقىپ تۇرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يوق، ئىقلىم قۇرۇق، ئۆسۈملۈك ئاز، قۇم ۋە ياكى شېغىل بىلەن تولغان يەر.
بىرى چۆل، بىرى گۈل. چۆلگە يامغۇر ياخشى، يومدانغا چامغۇر. دەشت _ باياۋاندا ئۇسسۇز قالمىغان سۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جەزىرىدە جەرەن تۇت. گوبىدا گىياھ يوق. پايدىسى يوق بايدىن سۈيى يوق ساي ياخشى. دالىدا ئۆسكەن مەھەللىگە كۆنمەس. سەھرانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول. قۇملۇقتىن ئۆتەلىگەن قۇمدىن قورقمايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاشيول ياسالدى. يازىدا بۆرە ئۆلسە، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشتۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنى بوياش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماددا، نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس تۈسى؛ كۆچمە مەنىدە ئۇپا - ئەڭلىك.
قىزىڭنى رەڭگە ئۆگەتمە، ئوغلۇڭنى بەڭگە. ئەل - يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس. ئەرزاننىڭ بويىقى تېز ئۆڭەر. ئۆڭى ئۆچكەنگە ئۆلمەس. ئۆڭىدىن ئۆرگىلەي، زەپ چىرايلىق قىز ئىكەن.
شىۋىلەر
نەرسىنىڭ ئادەتتە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تەرتىپى، تۈس، چىراي، رەڭ. مەسىلەن: بۇغداي ئۆڭلۈك؛ تېرىنىڭ ئۆڭى - تېرىنىڭ تۈكسىز تەرىپى. مەسىلەن: ئۆڭ جۇۋا - تاشلانمىغان جۇۋا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوڭ، ئالد، ئاۋال.
ئول مەندەن ئۆڭدۈم بەردى _ ئۇ مەندىن ئاۋال كەتتى.
1 - 57
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆڭ.
بىرەر نەرسىنىڭ رەڭگى. ياشىل ئۆڭ لۇڭ تون _ يېشىل رەڭلىك تون. يېشىل تون.
1 - 57
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چۆل، سەھرا، باياۋان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەمنىڭ يۈز، چىراي، رەڭگى.
ئۇلارنى ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، قارا چاچ، 40 ياشلاردىكى خۇشخۇي بىر خانىم كۈتۈۋالدى.
تېرىنىڭ تۈكسىز تەرىپى.
ئۆڭ جۇۋا. ئۆڭ تۇماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئالدى تەرەپ.
ئۇ ئىش ھازىرغىچە كۆز ئۆڭۈمدىن كەتمەيدۇ.