Uyghur主要词典
ئوچۇم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئىككى ئالىقاننى بىرلەشتۈرۈپ، بارماقلارنى ئۈستىگە قارىتىپ سەل يىغقاندا ھاسىل بولغان بوشلۇق.
ئەسئەتنىڭ ئوچۇمىدىكى تاش يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ <سىغىمى ئوچۇم كېلىدىغان>، <ئوچۇمغا باراۋەر>، <ئوچۇمغا تەڭ> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ يۈرەكنى سەگىتىدىغان مۇزدەك سۇدىن بىرنەچچە ئۇچۇم ئېلىپ ئىچتى.
مق. كۆچمە <بىر> سۆزى بىلەن بىرىكىپ، <بەزى، قىسمەن، ئاز ساندىكى> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بىر ئۇچۇم ئۇنسۇرلار بۇ قېتىم قەستەن چاتاق چىقاردى.