Uyghur主要词典
ئوچاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە مەنىدە: ئىلىم - مەرىپەت، پەن - مەدەنىيەت تارقىتىدىغان جاي، نەرسە.
قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسە قاراخانىلار زامانىدا مەرىپەت ئوچىقى ئىدى. ئىنقىلاپ بۆشۈكى يەنئەن كېيىنكى يىللاردا كۆپ گۈللەندى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئومۇمىي مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ مەنبەسى. كىتابنى سۆي، ئۇ - بىلىم بۇلىقى. شىنجاڭ تىببىي شۆيۈەن تىببىي خادىملارنى تەربىيلەيدىغان يۇرت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوچاق.
1 - 88
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۈچ تەرىپى تۇتاش ئېتىك ئالدى تەرىپىگە ئېغىز ئېچىپ ياسالغان، ئۈستىگە قازان ئېسىلىپ، ئىچىگە ئوت يېقىلىدىغان قۇرۇلما.
باينىڭ پۇلى - ئوچاقتىكى كۈلى (ماقال).
كۆچمە. بىرەر نەرسە پەيدا بولىدىغان، تارقىلىدىغان ياكى ئەمەلگە ئاشىدىغان جاي؛ مەنبە.
كۇچانىڭ سۇجۇپ مۇزىكا سىستېمىسىنىڭ ئوچىقى بولۇشى تاسادىپىي ۋە يەككە - يېگانە ھادىسە ئەمەس، ئەلۋەتتە.