Uyghur主要词典
ئوبيېكتىپ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
روسچە
پەلسەپە
ئاڭدىن تاشقىرى بولغان ۋە ئاڭغا، كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ قارىشىغا بېقىنمىغان، باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، <سۇبيېكتىپ> نىڭ ئەكسى.
ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت. ئوبيېكتىپ شارائىت. ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت. ئوبيېكتىپ رېئاللىق.
نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بويىچە تەھلىل قىلىپ چىقىرىلغان، شەخسىي ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇلمىغان، بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي، دۇرۇس، ھەقىقىي.
ئوبيېكتىپ باھا. ئوبيېكتىپ خۇلاسە.