Uyghur主要词典
ئوڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئانتونىمى: سول.
ئوڭ قول، ئوڭخاي. * ئوڭ. * ئوڭ يېنىدىن قوپماق.* ئوڭ كۆزۈڭ سول كۆزۈڭگە دۈشمەن (ماقال).* ئېشەككە ئوڭدىن مىنگەننىڭ سولدىن مىنگەندىن پەرقى يوق (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئالدى، يۈزى، سىرتى. ئانتونمى: تەتۈر. *رەختنىڭ ئوڭى.* ئوڭ - تەتۈر.*ئوڭ ۋالېنت.* كەتمەن چاپقان جىگدە يەر، ئوڭدا ياتقان گىردە (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئويغاق ھالەت. ئانتونىمى: چۈش، ئۇخلاقلىق.
ئوڭىدا چۈش كۆرمەك. * ئوڭۈممۇ - چۈشۈممۇ،.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئوڭۇشلۇق، قولاي، ئوڭاي.
تەلەي ئوڭدىن كەلمەك. * ئىشى ئوڭغا تارتماق. بۇنى سېنڭ قىلغىنىڭ ئوڭ. * ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كېلەر (ماقال). * پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئوڭلۇق، ساق.
ئوڭ ئادەم.* ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئوڭماق، ئوڭۇش. ئەي بولماق، ئوڭۇشلۇق بولماق، راۋاجلانماق، يۈرۈشمەك.
ئۇنىڭ ئىشى زادى ئوڭمىدى.* توغان بېشىدا كۆچەت ئوڭمەس، باينىڭ قېشىدا گاداي (ماقال). * بۇ كىشى ئۇنىڭ بېجىرگىنى ئوڭراق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىشقا ئانچە كۈچ كەتمەيدىغان، تەسنىڭ تەتۈرى.
بىلمەك تەس، قىلماق ئاسان. ئاشىقلىق ئاسان، جۇدالىق تەس. ئىشنى باشلاشنى بىلسەڭ،ئاياغلاشتۇرۇشۇڭ ئوڭاي. ئوڭاي ئىشەنگەن _ ئوڭاي ئۆلگەن. قولاي شارائىتنى قولدىن بەرمە. ئوڭ ئىش _ ئوڭاي ئىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت تەرەپنىڭ بىرى. شەرققە قارشى تەرەپ، كۈن چىقىدىغان تەرەپكە قارىغاندا ئارقا تەرەپ.
غەرب ئەللىرى؛ غەرب مەدەنىيىتى؛ غەرب دۇنياسى. غەربتىن شەپە بېرىپ، شەرقتىن ھۇجۇم قىلماق. شەرق شامىلى بېسىپ چۈشمىسە، غەرب شامىلى بېسىپ چۈشىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جەنۇبغا قارىغاندا غەرب تەرەپ.
ئوڭ قول. ئوڭ قول ۋەزىر. ئوڭ كاچىتىڭغا ئۇرغاننىڭ سول كاچىتىغا سال. ئوك كۆز بىلەن قارىماق. ئوڭ كۆز سول كۆز بىلەن دوست ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىجەز - خۇلقى ياخشى، ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى. ئاقنى كۆككە ئۇلىغان ئوڭلۇق خېنىم. رايىش موللام ئىش تاپماس. ئوڭامۇق ئەر - ئوڭلۇق كىشى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى - ھوشى جايىدا.
ساراڭ، جىندى، تەلۋە، ئېلىشاڭغۇ، بىر ۋىنتىسى كەم، بېشىدا زاغۇنى (سۈيى) بار، بىر تاسقام بار
ئەقلىدىن ئاداشقان.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى. ئوڭ ساراڭدىن قورقماس. ساراڭ يۈگۈرگەن ياققا ساقمۇ يۈگۈرەر. قارا ئاقارماس، ساراڭ ساقايماس. جىندى جېنىدىن جۇدا بولمىغۇچە تۈزەلمەس. بىر ئېلىشاڭغۇ مىڭ ساقنى كاردىن چىقىرار. تەلۋە زەنجىر ئۈزەر. ئۇنىڭ بىر ۋىنتىسى كەم ئوخشايدۇ، يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بېشىدا زاغۇنى (سۈيى) بار ئادەمگە ئەقىل ئۆگىتىمەن دەپ ئاۋارە بولما. ئۇنىڭ كاللىسى جايىدا ئەمەس، بىر تاسقام بار كۆرۈنىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوڭ.
ئوڭ ئىش _ ئوڭ ئىش، ئوڭاي ئىش. بۇ «ئوڭاي» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلغىنىدۇر.
1 - 57
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوڭ.
ئوڭ ئەلىك _ ئوڭ قول.
چىگىلىچە.
1 - 57
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. گەۋدىنى قاق ئوتتۇرىدىن تارتىپ چاتراققىچە تەڭ ئىككىگە بۆلگەندە، جىگەر جايلاشقان تەرەپتىكى، شۇ تەرەپكە جايلاشقان.
ئوڭ كۆز. ئوڭ قۇلاق. ئوڭ كۆكسى. ئوڭ پۇت.
مەن ئوڭ ھەم سولغا قارىدىم، ئەمما ئۇ كۆرۈنمىدى.
ئى. ئويغاق، ساق تۇرغان.
ئابدۇللا بۇلارنىڭ يا چۈشى يا ئوڭى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى.
ئى. رەخت، كىگىز - پالاس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يەرگە سېلىنىدىغان، كىيىلىدىغان ياكى بىرەر جايغا قويۇلىدىغان نەرسىلەرنىڭ رەڭگى ئوچۇق، قېنىق تەرىپى، ئالدى تەرىپى.
رەختنىڭ ئوڭى. داستىخاننىڭ ئوڭى. كىيىمنىڭ ئوڭى.
سۈپ. توغرا، مۇۋاپىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەقىلگە سىغىدىغان، ئورۇنلۇق، چاتاق، كاشىلىدىن خالىي.
پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ (ماقال).
سۈپ. ئەقىل - ھوشى جايىدا، ئەقىللىق، زېرەك، ئىشنىڭ يولىنى، ئېپىنى بىلىدىغان، تىل ئۇقىدىغان؛ كاج ۋە جاھىل ئەمەس.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى (ماقال).
سۈپ. پارلاق، كۆڭۈلدىكىدەك، ئوبدان، ياخشى.
- مەن دېمىدىممۇ... - دەپ يايراپلا كەتتى ئۇ، - بىچارە قىزىمنىڭ تەلىيى ئوڭ ئىكەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئوڭ تەرەپ، كۈنپېتىش تەرەپ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھۆكۈمدار، ھاكىم
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قورۇماق؛ قۇرۇلماق