Uyghur主要词典
ئىنئام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئىنئامات، ئىنئام، ھەدىيە، تارتۇق، سەدىقە:
خۇش ئامەدكە ئەيلەپ كۆپ ئىنئامنى،
كى ئىنئام بىرلە قويۇپ دامنى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يارىلىقماق، نېمەت بەرمەك، ئېھتىسان قىلماق، ياخشىلىق قىلماق، سىيلىماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا كۆرسەتكەن خىزمىتى، قىلغان ئىجادىيەت، كەشپىياتلىرى ئۈچۈن، تەنتەربىيىدە ئۇزغۇنلۇقى ئۈچۈن بېرىلگەن نەرسە.
<مۇكاپات> ئەڭ ئومۇمىي.
<ئىنئام> مەلۇم شارائىتتا <ھەدىيە> گە ياتىدۇ.
<شاڭ> خەنزۇچە: 赏
ۋاپا كۆرسەڭ بىراۋدىن بولما لال زادى، ۋاپا قىلدىڭ، ۋاپا بولدى مۇكاپاتى. ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ فېنلاندىيىدە ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ ئىككىنچى بولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 5000 يۈەن مۇكاپات بەرگەنىدى. خام مېۋىدىن لەززەت ئىزدىگەن خامدۇر، ئۇندىن پۇختا ئەمەس، خام سۆز ئىنئامدۇر. باشباي بىر مالچىسىغا بىر ئات ئىنئام قىلغانىكەن. ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇپ بەرگەن خائىنغا شاڭ بەرگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر تەشكىلات، كوللېكتىپ ياكى شەخس تەرىپىدىن بېرىلگەن سوۋغا؛ ھەدىيە، تارتۇق، مۇكاپات.
ئىنئام بەرمەك. ئىنئام ئالماق. ئىنئام قىلماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىنام
ياخشىلىق، نېمەت، ھەدىيە