Uyghur主要词典
ئىنتېرناتسىئونالىزم
دۇنيا تارىخى
پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل پرولېتارلىرى ئورتاق ئىنقىلابىي مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئورتاق دۈشمىنىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ماركسىزملىق نۇقتىئىنەزەر؛ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىر ئاساسىي پرىنسىپى. ماركس، ئېنگېلس ۋە لېنىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان <پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىڭلار>، <پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ۋە ئېزىلگۈچى مىللەتلەر بىرلىشىڭلار> دېگەن ئىككى ئۇلۇغ شوئار، پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمنىڭ ئاساسىي روھىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. <پرولېتارىياتنىڭ ئىنتېرناتسىئونالىزمى، بىرىنچىدىن، بىر مەملىكەتتىكى پرولېتارىيات كۈرىشىنىڭ مەنپەئىتىگە بويسۇندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىككىنچىدىن، بۇرژۇئازىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىۋاتقان مىللەتلەردىن خەلقئارا كاپىتالنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدا ئەڭ زور مىللىي قۇربانلارنى بېرىشكە قادىر بولۇش ۋە ئۇنىڭغا بەل باغلاشنى تەلەپ قىلىدۇ> (<لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى> 4 - توم، خەلق نەشرىياتى، 1972 - يىل خەنزۇچە نەشرى، 274 - بەت) ئۇ ھەرقايسى ئەل پرولېتارلىرى بىلەن ئەمگەكچى خەلقلىرىدىن زۇلۇم ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق ۋە سوتسىيالىزمنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرىدە بىرلىشىشنى، ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەربىر پرولتارىيات پارتىيىسىدىن ماركسىزم - لېنىنزم ۋە پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزنى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ھەمدە پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش روھى ئارقىلىق خەلقنى تەربىيلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
پەلسەپە
ماركسىزمنىڭ خەلقئارا پرولېتارىياتنىڭ ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ئىدىيىسى، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى پرىنسىپلىرىدىن بىرى.