Uyghur←Chinese主要词典
ئىنتېرفېرون
بىئولوگىيە
干扰素
gānrǎosù
ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرىسى (ئورگانىزم ياكى توقۇلما ئۆستۈرگۈچى ئىچىدە) ھەر خىل مىكرو ئورگانىزملار، پروتوزوما ۋە سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن يۇقىرى پولىمېرلىق ماددا (مەسىلەن، پولى ئىنوزنىك - پولى ستىدىك كىسلاتا) قاتارلىق ئىنتېرفېروننى يېتەكلىگۈچى دورىلارنىڭ تەسىرىدە ھاسىل قىلغان كۆپ خىل ۋىرۇسلارنىڭ كۆپىيىشىنى تورمۇزلايدىغان بىر خىل ئاقسىل. بۇ خىل ئاقسىلنىڭ مولېكۇلا مىقدارى تەخمىنەن 20.000 - 100.000 ، خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق بولۇپ، 60 سېلتسىيە گرادۇستا بىر سائەت تۇرسىمۇ بۇزۇلمايدۇ، PH 2 ~ 11 دائىرە ئىچىدە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ ۋىرۇسقا نىسبەتەن ئالاھىدە خاسلىقى بولمىغان بىر خىل كەڭ سپېكترلىق ماددا. يەنى بىر خىل يېتەكلىگۈچى دورا غىدىقلىنىپ ھاسىل قىلغان ئىنتېرفېرون كۆپ خىل ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تورمۇزلايدۇ. بىراق ئىنتېرفېرون ھاسىل قىلغان ھايۋان بىلەن ئىنتېرفېرون قوغداش رولىنى ئويناۋاتقان ئوتتۇرىسىدا تۈر ئۇرۇقداش خاسلىقى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار چوقۇم ئوخشاش تۈر ياكى ئوخشاش ئۇرۇقداشتىكى ھايۋان بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، توخۇ ھاسىل قىلغان ئىنتېرفېرون پەقەت توخۇنىلا قوغدىيالايدۇ، توشقاننىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشىغا قارشى تۇرالمايدۇ؛ مايمۇن ۋە ئادەم ھاسىل قىلغان ئىنتېرفېرون بىر - بىرىنى قوغدىيالايدۇ، بىراق باشقا ھايۋانلارنى قوغدىيالمايدۇ، ئىنتېرفېروننىڭ تەسىر قىلىش مېخانىزمى ۋىرۇسنى بىۋاستە ئۆلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ھۈجەيرىدە ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشى تىزگىنلەيدىغان بىر خىل ئاقسىلنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت.
ئېلېكترون، ئۇچۇر
ئىنتېرفېرون (كاشىلا ئېلېمېنىتى)
干扰素
gān rǎo sù
干扰素
gān rǎo sù
干扰素
gān rǎo sù
干扰素
gān rǎo sù