Uyghur主要词典
ئىنتوناتسىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئاۋاز ئاھاڭى. سۆزلۈگۈچىنىڭ نۇتۇق مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ھېس تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگۈچى تەلەپپۇز ئۇسلۇبى؛ تاۋۇشنىڭ ئۆزگرىشىدىن ، ئېگىز، پەس بولۇپ تۇرىشىدىن تەشكىل تاپقان رىتىملىق ، ئاھاڭلىق نۇتۇق تۈزۈلۈشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە، لاتىنچە
سۆزلىگۈچىنىڭ نۇتۇق مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ھېس - تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگۈچى تەلەپپۇز ئۇسلۇبى ياكى تاۋۇشنىڭ ئۆزگىرىشىدىن، ئېگىز - پەس بولۇپ تۇرۇشىدىن تەشكىل تاپقان رىتىملىق، ئاھاڭلىق نۇتۇق تۈزۈلۈشى؛ تون.
<تىل> گرامماتىكىلىق ۋاسىتلەردىن بىرى، يەنى جۈملىنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئاۋازنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىك، ئۇزۇن - قىسقىلىق، كۈچلۈك - ئاجىزلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلىرى.
<مۇز> ئاھاڭنىڭ ئەڭ كىچىك مۇستەقىل قىياپىتىگە ئىگە قىسمى.
<مۇز> مۇزىكا ئىجراسىدىكى ئاۋازلارنىڭ ئېگىز - پەسلىك مۇناسىۋىتى.