Uyghur←Chinese主要词典
ئېنسكلوپېدىيىچىلەر
دۇنيا تارىخى
百科全书派
bǎi kē quán shū pài
ئەسلى ⅩⅧ ئەسىردە فرانسىيە <ئېنسكلوپېدىيە> سىگە ماقالە يازغانلارنى كۆرسىتەتتى، كۆچمە مەنىدە شۇ چاغدىكى فرانسىيە مەرىپەتچى مۇتەپەككۇرلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ كىتابنىڭ تولۇق ئىسمى <ئېنسكوپېدىيە ياكى پەن، سەنئەت ۋە ھۈنەر - سەنئەت ئىزاھلىق لۇغىتى>، دىدېرو باش تەھرىر بولغان، دۇلامبېر بىر مەزگىل تەھررىرلىككە ياردەملەشكەن. 1751 - 1772 - يىللىرى جەمئىي 28 توم نەشىر قىلىنغان. 1776 - 1780 - يىللىرى يەنە قوشۇمچە ۋە ئىندېكس بولۇپ يەتتە توم قوشقان. بۇ كىتابنىڭ ماددىلىرىنى يېزىشقا 140 نەچچە كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە نۇقىئىنەزەرلىرى ئوخشاش بولمىغان. لېكىن باش تەھرىر دىدېرو ۋە ئاساسلىق ماقالە يازغۇچى روسسۇ، ۋولتېر مونتېسكيۇ، ھولباخ، ھېلۋېتىئۇس قاتارلىقلار دىنىي جاھالەت ۋە فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دىنىي مادارچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان، ئەقلىيەچىلىك ۋە تەنقىد روھىنى تەرغىپ قىلىپ، دېئزم، ئاتېئىزم ياكى ماتېرىيالىزمنى تەشۋىق قىلىغان، يېڭى ئىلىم - پەن ۋە تېخنىكىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلغان.