Uyghur主要词典
ئىنكارنى ئىنكار قىلىش قانۇنى
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
ھەرقانداق شەيئى تۈز سىزىق بويىچە ئەمەس، مۇئەييەنلەشتۈرۈش − ئىنكار قىلىش − يەنە ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت ئەگرى سىزىق بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ ئىنكارنى ئىنكار قىلىش قانۇنىدۇر.
مۇئەييەنلەشتۈرۈش شەيئىنىڭ ھازىرقى خۇسۇسىيىتىنى ساقلىشىنى، ئىنكار قىلىش شەيئىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىنكار ئامىللىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئامىللىرىنى يېڭىپ، شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنكار باسقۇچىغا يېڭى ئىنكار ئامىللىرى يوشۇرۇنغان بولىدۇ، يېڭى ئىنكار ئامىللىرى ئاستا - ئاستا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەيئى ئىنكارنى ئىنكار قىلىش جەريانىدىن ئۆتۈپ، يېڭى ئىنكار باسقۇچىغا يېتىدۇ، مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ، شەيئى تەرەققىي قىلىدۇ.
ئىنكارنى ئىنكار قىلىش باسقۇچىدا، ھەمىشە كونا ئىنكار باسقۇچىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىك ۋە خاھىشلىرى كۆرۈلۈپ قالىدۇ. بىراق، بۇ ئىزىغا دەسسەش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچ ئاساسىدىكى تەكرارلىنىشتۇر. مەسىلەن، كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشى بىلەن دەم ئېلىشى ئىنكارنى ئىنكار قىلىش جەريانىدۇر، ئۆگىنىش مۇئەييەنلەشتۈرۈش جەريانى، دەم ئېلىش ئۆگىنىشنى ئىنكار قىلىش، قايتىدىن ئۆگىنىش يەنە دەم ئېلىشنى ئىنكار قىلىش ھېسابلىنىدۇ. قايتىدىن ئۆگىنىش قارىماققا كونا ئۆگىنىشنىڭ تەكرارىدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، قايتا ئۆگىنىش باسقۇچىدا بىلىم ئاشىدۇ، مەزمۇن كۆپىيىدۇ. يەنە بىر مىسال: دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشى: »دان − تېرىش، ئۆسۈش − دان« دىن ئىبارەت. ھوسۇلدىكى دان ھەرگىز تېرىغان دان ئەمەس، گەرچە ئۇلارنىڭ شەكلى ئوخشىسىمۇ، سانى ھەسسىلەپ كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېڭى ئۇرۇقلۇق ۋە يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدۇ، ئىشلىتىش ئورنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. دېمەك، «ئىنكارنى ئىنكار قىلىش» شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىدۇر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。