Uyghur主要词典
ئىنگلىزلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئىنگلىزلار ئەنگىلىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى <بۈيۈك بېرىتانىيىلىكلەر> دەپ ئاتايدۇ. ئاھالىسى ئاساسەن ئىنگلاند بىلەن ئۇئېلىس (ۋېلىس) تا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 47 مىليون 450 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 83 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئىنگىلىزلارنىڭ ئاز قىسمى شوتلاندىيىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىي ئىرلاندىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئىرلاندىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي ئافرىقا (1 مىليون 550 مىڭ)، ئاۋىسترالىيە (830 مىڭ)، كانادا (650 مىڭ)، ئامېرىكا (620 مىڭ)، يېڭى زېلاندىيە، ھىندىستان قاتارلىق ھەر قايسى ئەللەردىمۇ تەخمىنەن 4 مىليون 750 مىڭدىن كۆپرەك ئىنگلىز تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
ئىنگلىزلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان - بالتىق تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تىل تارمىقىغا تەۋە ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار.
ئىنگلىزلارنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە، ئاز قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئىنگلىزلار دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي، بولۇپمۇ سانائىتى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان، يېزا نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنىلا ئىگىلەيدۇ، يېزا ئىگىلىكىمۇ چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسەن كالا، چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ.
ئىنگىلىزلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسەن بېرتانىيە ئارىلىدا ياشىغۇچى ئەڭ دەسلەپكى ئاھالە - ئىبېرىلار، گېرمان قەبلىلىرىدىن برېتونلار، ئەنگلولار، ساكسۇنلار ھەمدە بۇ ئارالغا كېيىن كەلگەن دانلار (دانىيىلىكلەر)، نورمانلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت پەيدىنپەي قوشۇلۇشى بىلەن شەكىللەنگەن.