Uyghur←Chinese主要词典
ئىندۇكسىيىلەنگەن مۇتاتسىيە
领域: بىئولوگىيە诱发突变
yòufātūbiàn
فىزىكا ياكى خىمىيىلىك ئامىللاردىن پايدىلىنىپ، گېن ياكى خروموسومىلارنى سۈنئىي ھالدا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. ئىندۇكسىيىلەنگەن مۇتاتسىيە جانلىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە يېڭى تىپلارنى كەشىپ قىلىدۇ. ئۇ تۈرلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. فىزىكىلىق ئامىللاردىن χ، γ، α، β نۇرلىرى ۋە تېز نېيترون قاتارلىق ھەر خىل ئىئونلىنىش رادىئاتسىيىسى ھەمدە ئۇلترا بىنەپشە نۇر قاتارلىق غەيرىي ئىئونلىنىش رادىئاتسىيىلىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان يەنە لازېر نۇرلۇق ئىندۇكسىيىلەش تېخنىكىسى تەرەققىي قىلدى. خىمىيىلىك ئامىللار كۆپىنچە ئالكانلاشتۇرغۇچىلار، ئىشقار رادىكاللىرى تۈرىدىكى ماددىلار، ئانتىبىئوتىكلار قاتارلىق ئىندۇكسىيىلىگۈچىلەردىن ئىبارەت.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。