Uyghur主要词典
ئىندۇكسىيە رولى
بىئولوگىيە
ھايۋانلارنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا تۆرەلمىسىنىڭ مەلۇم بىر بەلگىلىك ئورنىدىكى ئاۋۋال دىففېرېنسىيىلەنگەن ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوشنا ئورۇندىكى ھۈجەيرىلىرىنى بەلگىلىك يۆنىلىشكە قاراپ دىففېرېنسىيىلەندۈرىدىغان بىر خىل رول. مەسىلەن، قوش ماكانلىقلارنىڭ كۆز جامى، يېنىدىكى سىرتقى تېرە قەۋىتىنىڭ خرۇستال تەنە شەكىللەندۈرۈشىگە ئىندۇكسىيىلىك رول ئوينايدۇ. خرۇستال تەنە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئۆزىنىڭ سىرتقى يېنىغا يېپىشىپ تۇرغان سىرتقى تېرىنى ئىندۇكسىيىلەپ مۈڭگۈز پەردىگە ئايلاندۇرالايدۇ. خوردا مېزوبلاستى (ئوتتۇرا تۆرەلمە قەۋەت) ھەم ئۇنىڭ يېنىدىكى تەن بوغۇملىرىنىڭ مېزوبلاستى خوردىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان نېرۋا ئېكتوبلاستىنىڭ ئالدى بىلەن نېرۋا تاختىسىنى، ئاندىن نېرۋا نەيچىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە ئىندۇكسىيىلىك قىلالايدۇ.