Uyghur←Chinese主要词典
ئىندرا
دۇنيا تارىخى
帝释天
dì shì tiān
سانسكرىتچە نامى ساكرا دېۋانام - ئىندرا. بۇددا تەلىماتىنى ھىمايە قىلغۇچى ئىلاھنىڭ بىرى. ئۇ تىراياستىرىمىسا (يەنى 33 كۈنى) نىڭ خۇداسى بولۇپ، سۇمى تېغىنىڭ چوققىسىدىكى ساخاۋەت شەھىرىدە تۇرارمىش. ئۇ بۇددا دىنىغا براخمان دىنى ۋە ھىندى دىنىدىكى ئىلاھ ئىندرادىن قوبۇل قىلىنغان. <ئىندرا> غا قارالسۇن.
دۇنيا تارىخى
因陀罗
yīn tuó luó
قەدىمكى ھىندىستاننىڭ چاقماق تەڭرىسى، ئۇرۇش تەڭرىسى، جەڭچىلەرنىڭ ھامىيىلىق تەڭرىسى. بۇ نام يىراق قەدىمكى زاماندىكى ھىندىستان - ئىران دەۋرىدىلا مەيدانغا كەلگەن. ئارىيانلارنىڭ دەسلەپكى ۋېدا دەۋرىدە، تەڭرىلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان. <رىگۋېدا> دىكى 1000 كۇپلېتتىن ئارتۇق مەدھىيە شېئىرلىرىدا ئىندرا مەدھىيلەنگەن شېئىر تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئىندرا جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ، قولىدا ۋاجىرانى ئوينىتىپ، ئاسماندا ئۇچقاندەك چېپىپ يۈرگەن، قۇرغاقچىلىق ئالۋاستىسى ۋرترا ئۇنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. دائىم دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان ئۇلۇغ جەڭچى سۈپىتىدە مەدھىيلىنىپ، ئارىيانلارنى قوغداپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى بېقىندۇرۇپ، ئارىيانلار ياخشى كۆرىدىغان مىللەت تەڭرىسىگە ئايلاندۇرۇلغان. ئاسماندىكى تەڭرىلەرنىڭ شامى دەپمۇ قارىلىدۇ. بۇددا دىنى ئۇنى بۇددا ھامىيسى دەپمۇ قارايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ساكيامۇنى تۇغۇلغاندا ئۇ براخمان بىلەن بىللە ئوڭ ۋە سول تەرەپتە تۇرۇپ كۈتكەنمىش.