Uyghur主要词典
ئىنچىكە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
توم ئەمەس، <توم> نىڭ ئەكسى يەنى توغرا كەسمىسى، ئايلانمىسى كىچىك.
ئىنچىكە ياغاچ. ئىنچىكە يىپ.
ئۇ سەۋزىنى ئىنچىكە توغراپ، پولو ئېتىشكە تۇتۇندى.
كۆچمە. زىل، بوم ئەمەس.
ناخشا ئىنچىكە ئاۋازدا ئېيتىلىۋاتاتتى.
كۆچمە. تەپسىلىي، تۈجۈپىلەپ.
ھەممىلا يەردە ئىنچىكە ھېسابلاپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقىلىنىشقا دىققەت قىلىش لازىم.
كۆچمە. نازۇك.
ئەدەبىي تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش - زىممىمىزدىكى مۈشكۈل ۋەزىپە، شۇنداقلا ئىنچىكە خىزمەت.