Uyghur主要词典
ئىمتىياز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىمتىياز؛ پەرق، ئارتۇقلۇق؛ ئارتۇقچە ھوقۇق، ئايرىش، پەرق ئېتىش، تونۇش،چۈشىنىش:
چۇن بىلۈرسەن قارەدىن ئاقنى قىلۇرمەن ئىمتىياز،
بولماغىل كۆڭلى قارلاردەك مۇكەددەر زىنھار.
تەجەللى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئايرىملىق، ئارتۇقلۇق، ھوقۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
باشقىلاردىن ئارتۇق بەھرىمەن بولىدىغان مەنپەئەت؛ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھوقۇق، ئارتۇقلۇق.
- يەر ئىسلاھاتىدىن كېيىن، - دېدى ئالماس، - فېئوداللار سىنىپى ئەمگەكچى دېھقانلارنى ئېزىش، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئىمتىيازلىرىدىن مەھرۇم بولدى.