Uyghur主要词典
ئىمپېرىيىنىڭ ئەينەك چېقىلغان كېچىسى
دۇنيا تارىخى
1938 - يىل 10 - ئاينىڭ 9، 10 - كۈنلىرى كېچىسى ناتسىستلار گېرمانىيىسى ھۆكۈمىتى يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋەقە. 1938 - يىل 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى پولشالىق بىر يەھۇدىي پارىژدا گېرمانىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ناتسىستلار دائىرىلىرى بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدە تەشكىللىك ھالدا يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، رەھىمسىز تۈردە ئۆچ ئالغان. 11 - ئاينىڭ 9، 10 - كۈنلىرى كېچىسى، ناتسىست مۇرىتلىرى يەھۇدىيلارنىڭ چېركاۋىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆي - ئىمارەت، ماگىزىنلىرىنى ۋەيران قىلغان، يەھۇدىيلارنى ئاياغ - ئاستى قىلىپ، قىرغىن قىلغان. بۇ ۋەقە جەريانىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆي - ئىمارەت، ماگىزىنلىرىنىڭ ئەينەكلىرى كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتىلگەنلىكتىن، ناتسىستلارنىڭ تەشۋىقاتىدا <ئىمپېرىيىنىڭ ئەينەك چقىلغان كېچىسى> دەپ ئاتالغان. زىيانكەشلىك ۋەقەسى بىر قانچە كۈنگىچە داۋام قىلىپ، يەھۇدىيلار زور تۈركۈملەپ جازا لاگېرىغا قامالغان.