Uyghur←Chinese主要词典
ئىمپلانتاتسىيە
بىئولوگىيە
着床
zháochuáng
<ئورۇنلىشىش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمە پۈۋەكچىسىنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە مۇقىملىشىش ياكى شۇ يەرگە كۆمۈلۈش (چۆكۈش) جەريانى. ئىمپلانتاتسىيە جەريانىدا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تۆرەلمە پۈۋەكچىسىنىڭ ئوزۇقلۇقلاندۇرۇش قەۋىتىنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ زەخىملىنىدۇ. كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. تۆرەلمە پۈۋەكچىسىنىڭ ئورۇنلىشىش ئورنىنىڭ ھامىلە تۇغۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش - بولماسلىقىغا بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور. ئىمپلانتاتسىيىنىڭ ئاساسلىق ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئىمپلانتاتسىيە ئارقىلىق تۆرەلمە بالىياتقۇغا مۇقىملىشىپ ئانا تەنە توقۇلمىسى بىلەن بىرگە بالا ھەمراھىنى شەكىللەندۈرۈپ تۆرەلمە تەرەققىياتىنى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئەگەر تۆرەلمە پۈۋەكچىسى ئورۇنلىشالماي قالسا، سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ياكى كېيىنكى نۆۋەتلىك ھەيز بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ.
فىزىكا
植入
zhí rù