Uyghur主要词典
ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىل
بىئولوگىيە
ئانتىتېلالىق ئاكتىپچانلىققا ئىگە بولغان بىر گۇرۇپپا ئاقسىل. ئۇ قان سېرۇسى، بەدەن سۇيۇقلۇق ۋە توقۇلمىلاردا بولىدۇ. ئېلېكتروفورېز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۆلچىگەندە، كۆپ قىسىم ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىل r شارچە ئاقسىلىغا، ئاز بىر قىسمى a ۋە β شارچە ئاقسىلغا كىرىدۇ. ئۇلارغا فىزىكا - خىمىيىلىك ۋە ئىممۇنولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بەش تۈرگە بۆلۈنۈپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىل G، A، M، D، E دەپ ئىسىم قويۇلغان. بۇلار قىسىقچە liG، lgA، lgM، lgD، ۋە lgE قىلىپ يېزىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى تۆت تال پولى پىپتېد زەنجىرىسىدىن تۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تال ئوخشىمايدىغان ئۇزۇن زەنجىر - ئېغىر زەنجىر (H زەنجىر)، ئىككى تال ئوخشايدىغان قىسقا زەنجىر - يەڭگىل زەنجىر (L زەنجىر) دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى تال ئېغىر زەنجىر ئىككى گۈڭگۈرت بېغى ئارقىلىق ئۆز ئارا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ئىككى تال يەڭگىل زەنجىر ئىككى گۈڭگۈرت بېغى ئارقىلىق ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى تال ئېغىر زەنجىرنىڭ ئىككى يېنىدىن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا پۈتۈن مولېكۇلا تۈزۈلۈشى سىممېترىك بولىدۇ. ئاقسىل ئىسكىلىتىغا (ئاساسەن ئېغىر زەنجىرگە) قەنتلەر ئۇلىنىپ تۇرىدۇ. lgG مولېكۇلىسى يەككە تەن شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، تەركىبىدە پەقەت تۆت زەنجىردىن ئىبارەت بىر ئاساسىي تۈزۈلۈشى بولىدۇ. بۇ بالا ھەمرىيىدىن ئۆتىدىغان بىردىنبىر ئانتىتېلا بولۇپ، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار. lgA قان زەردابى ئىچىدە يەككە ھالەتتە سىرتقى ئاجراتما سۇيۇقلۇق (مەسىلەن، شۆلگەي، ياش، ئوغۇز سۈت، بۇرۇن ۋە كانايچىلەر ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇق، ئاشقازان ئۈچەي سۇيۇقلۇقى، سۈيدۈك قاتارلىقلار) تا جۈپ ھالەتتە بولىدۇ. شىللىق پەردىدە قىسمەن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. lgM بەش دانە يەككە تەننىڭ پولىمېرلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ؛ باكتېرىيە قاتارلىق دانىچە ھالەتتىكى ئانتىگېنلارنى يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ يۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى (تەڭشەش رولى) ئەڭ كۈچلۈك، ئۇيۇتۇش رولىمۇ كۈچلۈك. lgD بىلەن lgE نىڭ تۈزۈلۈشى lgG غا ئوخشاش بولۇپ، يەككە تەنلىك، مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. lgD نىڭ رولى ئېنىق ئەمەس، liE Ⅰ تىپلىق ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.